A-A+

خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان سائەت

2015-يىل 23-ئىيۇن ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 8,948 قېتىم

 ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

 خوتەن قاش بايلىق مەنبەسى مول بولغان دىيارىمىزنىڭ قاش ئويمىچىلىقىمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ،

ئاشۇ ئۇزۇن تارىخمىزغا ۋارىسلىق قىلىش مەخسىدىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ تەۋەرۈك كەسپىمىزمۇ  ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى قايتىدىن نامايەن قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ.خوتەن قاشلىرىنىڭ ئانا ماكانى بولغان كېرىيە ناھىيەسىدىن يىتىشىپ چىققان ئويمىچىلىق ئۇستىسى ھۈسەنجان ئابدۇل ئېزىز ئەنە  شۇ تەۋەرۈك كەسپىمىزنى قايتىدىن نامايەن قىلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئەجىر سىڭدۈرۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر .

mmexport1435060329904

ھۈسەنجان ئابدۇل ئەزىز 1979-يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . كىچىكىدىن باشلاپلا خوتەن قاش مەدەنىيىتى بىلەن  تۇنۇشقان  ھۈسەنجان قاش ئويمىچىلىقىغا چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ،ئۇنىڭ خوتەن قاش ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 يىل بولدى . ئۇ ئويمىچىلىققا كىرىشكەن دەسلىپكى مەزگىللەردە ئاددىي  بولغان  ئۈزۈك ، چاتما بىلەيزۈك ، مارجان ، بولاپكا ... قاتارلىقلارنى ئويغان بولسا ، بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ،تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خوتەن قاش سائەتنى مۇۋاپىقەيەتلىك ياساپ چىقتى .

mmexport1435060295645

mmexport1435060299179

بۇ سائەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىغا  شىۋىتسارىيەنىڭ سائەت زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن بولسا ،سىرتقى قىسمىغا  ئىنتايىن سىپتا قول ھۈنەر تېخنىكىسى ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنىڭ سەرخىللىرى ئىشلىتىلگەن . بۇ سائەتلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنىڭ  ئادەم بەدىنىگە بولغان شىپالىق رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى،توغرا بولغان ۋاقىت قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى شۇنداقلا سالاپىتىمىزگە يېڭىچە سالاپەت قوشۇش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .بىز ھۈسەنجان ئابدۇل ئېزىزنىڭ دىيارىمىز قاش ئويمىچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي تۆھپىلەرنى قۇشۇشىنى ، ئۆزىگە ئوخشاش ياراملىق ئىز باسارلارنى كۆپلەپ تەربىيلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز.

ھۈسەنجان ئۇستام ئويغان قاش سائەت ۋە باشقا قاش ئويمىلار

mmexport1435060133247 mmexport1435060139654 mmexport1435060222663 mmexport1435060228051 mmexport1435060289838 mmexport1435060292686 mmexport1435060308343 mmexport1435060311281 mmexport1435060317869 mmexport1435060320976 mmexport1435060323854 mmexport1435060326760

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ