A-A+

خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە چاپىنى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 98)

2015-يىل 30-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 7,313 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

98535_201302231651345Dc4K

بىز ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خوتەن قاشلىرىنى  ياخشى كۈرۈپ يىغىپ ساقلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ  بەزىلىرى قۇيرۇق قاشنى ياخشى كۈرۈپ ساقلىسا يەنە بەزىلىرى قاشتىكى چاپانلارنى قىرىپ چىقىرۋېتىپ ئاپپاق -سىدام ھالەتكە ئەكىلىپ ساقلايدۇ.ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرىنى تاللاشتا ئاپئاقنى تاللىغان ياخشىمۇ ياكى رەڭدار چاپانلىقلىرىنى تاللىغان ياخشىمۇ؟ئۇنىڭ چىققان ئورنىغا قاراش كېرەكمۇ ياكى سۈپىتىگە قاراش كېرەكمۇ؟بۇ نوقتىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشى مۇجىمەل بولۇپ،بىر قىسىم كىشىلەر پۇل خەجلىگەنگە يارىشا ناھايتى سۈپەتلىك قاشلارنى سېتىۋالسىمۇ ،ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ياخشى قاشلارنى تاللىيالماي قالىدۇ.

611

خوتەن قاشلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە يىغىپ ساقلاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟-بۇ ھەقتە مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى:

خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ چىققان ئورنى بولماستىن ،بەل

كى ئۇنىڭ سۈپىتىدۇر.ئۇنداقتا ئۇنىڭ چاپىنىچۇ؟ خوتەن زىرە قاشلىرىغا نىسپەتەن چاپان ئۇنىڭ << كىملىكى >> بولسىمۇ ،بىراق مال سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ چاپىنىغا قاراپلا سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.چۈنكى ھازىرقى بازاردا چاپان سالغان قاشلار قەدەمدە بىر

ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە  زىرە قاشلارنىڭ چاپىنى ئۇنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىن بىر ئامىل ئەمەس.چاپان زىرە قاشلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قۇشۇدۇ،خالاس.

خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ئۇنىڭ چىققان ئورنى، سۈپىتى ۋە رەڭگىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاپىنى بىلەنلا بولۇپ كەتسەك سودىدا ئاسانلا قۇيۇلۇپ كېتىمىز.

CNYU-Y01050701003-3

نۆۋەتتىكى خوتەن قاش بازىرىدا كان قاشلىرىنى ئىشلەپ چاپان سالىدىغان،ئەسلى چاپىنى بار قاشلارنىڭ ئۈستىگە يەنە چاپان سالىدىغان،ئەسلى چاپىنى كىچىكرەك بولسا شوخلاشتۇرۇپ چاپىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغان بۇ ئارقىلىق تاشنىڭ ئەيىپىنى يۇشۇرىدىغان ئەھۋاللار ناھايتى كۆپ.كان قاشلىرىغا سېلىنغان چاپاننى ئايرىش ئاسانراق بولسىمۇ ،بىراق كۆپۈنچە ھاللاردا خوتەن قاشلىرىغا سېلىنغان چاپانلارنى پەرىق ئېتىش  ناھايتى تەس.

خوتەن قاشلىرىدىكى چاپاننىڭ ئەڭ ئىسىلى چىلان رەڭ چاپان بىلەن،كۈزدە سارغايغان نەشپۈتنىڭ پوستىغا ئوخشاپ كېتىدىغان چاپان بولۇپ،بۇ خىل رەڭدىكى تەبىئىي چاپانلىق قاشلارنىڭ باھاسى يۇقۇرى بولىدۇ.بىراق قاشلارنىڭ چاپىنى ئىسىل بولغىنى بىلەن سۈپىتى ياخشى بولمىسا ئۇنى ھەقىقى گۈھەر دىگىلى بولمايدۇ.شۇڭا خوتەن قاشلىرىنى ھەقىقى ئىسىل ۋە بىباھا قىلغىنى ئۇنىڭ چاپىنى ئەمەس ، بەلكى سۈپىتىدۇر.

مەنبە : 阿克达和田玉市场 سالونى

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ